خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئىيۇن «خەلق» سارىيىدا لىيۇكسېمبۇرگ باش ۋەزىرى بېتتېل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىيۇكسېمبۇرگنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو لىيۇكسېمبۇرگنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، لىيۇكسېمبۇرگ بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئۇزاققىچە مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-لىيۇكسېمبۇرگ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، جۇڭگو جېڭجۇ-لىيۇكسېمبۇرگ «بوشلۇق يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو لىيۇكسېمبۇرگنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى