خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-ئىيۇن «خەلق» سارىيىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنفانتىنو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتى ۋە تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۇتبول ھەرىكىتىگە كۈچلۈك، ئىزچىل مەدەت بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا ناھايىتى زور. پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ چىن مەنىسى ماھارەت مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىدىلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى يېتىشتۈرۈشتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پۇتبول ئىسلاھاتى ۋە ئومۇمىي تەرەققىيات لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. بىز پۈتۈن جەمئىيەتتە پۇتبول مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قائىدىسى ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇتبول مەيدانلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ پۇتبول سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئاكتىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان پۇتبول مەدەنىيىتىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشىدىكى ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى