باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە خىل ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك

2017.06.14 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل مەزگىلىدە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىيىلىشىش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتالمىش «نومۇرى كەملەپ قالسا، پۇل بىلەن ھەل قىلىپ بىرىمىز» دېگەندەك ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەدىلىرىدىن شۇنداقلا «ئىچكى قىسمىدىكى سان»، نومۇر تەكشۈرۈش ساختا تورى قاتارلىق ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشىنى سەمىگە سالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئالدامچىلىق ئاساسلىقى ئالتە تۈرلۈككەن: ئۆزىنى ھەربىي مەكتەپ ئورگىنى ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىدىن كەلگەن خادىمى دەۋېلىپ، «ئىچكى قىسمدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى»، «پىلان سىرتىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى» بار دەپ يالغان سۆزلەش؛ سەنئەت، تەنتەربىيە، ئۇششاق چەتئەل تىلى قاتارلىق «ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچى»لارغا نومۇر قوشۇپ بېرەلەيمىز، دەپ يالغان سۆزلەش؛ ساختا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشنى ياساش؛ نومۇر تەكشۈرۈش ساختا تور ئادرېسى ئۇچۇرىنى يوللاپ، ئاتا-ئانىلار تولدۇرغان شەخسى ئۇچۇرغا ئاساسەن، نىشانلىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلىش؛ «ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى» باش تېما قىلىنغان «ياغاچ ئات» ۋىرۇس ئالدامچىلىقى؛ «مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىپ، «مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى «ئەركىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» دەپ تەشۋىق قىلىش؛ بىر قىسىم ئالدامچىلار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىنى چۈشەنمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىپ، مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتقا نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، دەپ پو ئېتىپ، ئاشكارا باھا چىقىرىپ، يۇقىرى سوممىلىق « ھەق» ئېلىۋاتىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار پۇل، بايلىققا چېتىلىدىغانلا ئىش بولسا چوقۇم يۈكسەك ھوشيار تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە مۇنتىزىم يول ئارقىلىق تەكشۈرۈپ دەلىللىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىك نومۇرى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاسانلىقچە بەرمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىنى پاش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر