باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆكرەك كېرىپ ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار سىستېمىسىدىكى 10 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

2017.06.14 15:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆكرەك كېرىپ ئالدىدا مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش بويىچە يەنىمۇ چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلىش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار سىستېمىسىدىكى 10 مىڭ پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرنىڭ كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا 115 تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار سىستېمىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر قاتناشتى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە، نەشرىيات سىستېمىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆز ساھەسىدىكى «پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ كوللېكتىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش تەشەببۇسنامىسى»نى ئوقۇدى، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتىدىن ئوقۇدى ھەمدە كوللېكتىپ ئىمزا قويدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى توغرا ئىگىلەپ، «باش نىشان − باش يېتەكچى، بايراق، يۆنىلىش» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ 1- سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئورۇندا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەنقىدلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە تەنقىدلەپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش؛ تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئويلىغان، ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى چۆرىدەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەربىر سىياسەتنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى»، «ئوقۇتقۇچىلار سىنىپقا، ياتاققا، ئاشخانىغا كىرىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىلەن دوستلىشىش» ۋە كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈگىتىپ، «پۇختا» ئىستىلنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر