باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ھېكايىلەر

2017.06.14 15:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى «خەلقئارا» ئايروپورتىنىڭ يېنىدىكى بىر ئاق بىنادىن لەرزان مۇزىكا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، گۈل- گىياھلار ۋە كىتابلار كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، سېرىق چاچ، زەڭگەر كۆزلۈك ئىككى چەت ئەللىك دوست بۇ يەردە قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئەگەر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا داۋالاش ئەسلىھەلىرى قويۇلمىغان بولسا، بۇ جاينىڭ دوختۇرخانا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

  شىنجاڭدا بەش يىل ئوقۇغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىستۇدېنت ئەمەد بۇ يەردە چىشىنى زاماسكىلىتىۋاتاتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ گېلى ئاغرىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانماقچى بولۇپ، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە سۆزلەپمۇ، ئىما- ئىشارەت بىلەن چۈشەندۈرۈپمۇ، دوختۇرغا مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمىغانىدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇ بۇ يەردە «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيەنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولدى.

  كورېيەلىك چىش دوختۇرى لى بيۇڭخەن كورېيە چوسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئۇ 2011- يىلى شىنجاڭغا كېلىپ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقاندىن بۇيان، ئامېرىكا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دوختۇرلىرى بىلەن چەت ئەللىكلەرنىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتىدۇ، بۇ كىچىككىنە «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيە بىر يىلدا 700دىن كۆپرەك ئاغرىقنى داۋالايدۇ... لى بيۇڭخەن پاكىز داۋالاش ئۆيىدە چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق زاماسكىلىماقچى بولغان چىشنىڭ سۈرىتىنى داۋالاش كارىۋىتىدىكى ئېكراندا ئاغرىققا ئەينەن كۆرسىتىدۇ.

  جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرلىرى غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغا ماكانلاشتى. بۇ ئامبۇلاتورىيەدىن ئون كىلومېتىرچە يىراقلىققا جايلاشقان ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شاڭخەي «ھەممىباب»(شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىدە گېرمانىيەلىك ئوندىن كۆپرەك خىزمەتچى بار بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى مۇشۇ ئامبۇلاتورىيە ئۈستىگە ئالغان.

  ئامېرىكا بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ئامېرىكىلىق دوختۇر چيۇ شىخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەرتىپى، داۋالاش ئۇسۇلى چەت ئەلنىڭكىگە ئوخشايدۇ، بۇ يەردە داۋالانساق، تىلدا قىينالمايمىز، چەت ئەللىك ئاغرىقلار بۇ يەردە كېسەل كۆرسىتىشنى قولاي دەپ قارايدۇ.

  چيۇ شىخۇڭ رەتلىك كىيىنگەنىدى. ئۇ: دوختۇرلار ئاق خالات كىيسە ئاغرىقلارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىدۇ، مېنىڭچە بۇنداق كىيىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېدى. ئادەتتە كېسەل كەلمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ ئالاقە تورى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى دوختۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىراقتىن كېسەللەرگە دىياگنوز قويىدۇ.

  بۇلتۇر چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلغان ئامېرىكىلىق ماك تۇيۇقسىز ئاپتوموبىل ھادىسىسىگە ئۇچراپ، بارماقلىرى سۇنۇپ كەتكەن ئىدى، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش لايىھەسىدە ئوپېراتسىيە ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، بۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن خىراجەت كېتەتتى. چيۇ شىخۇڭ ماكنىڭ ياردەم سوراپ قىلغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، توردا كەسپىي دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، ئىلگىرى گوللاندىيەدە بىلىم ئاشۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر ئۇنىڭغا يېڭى داۋالاش لايىھەسىنى ئېيتىپ بەردى. ئالاقىلىشىش ئارقىلىق شىنىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل ۋىراچ بۇ تەكلىپتىن پايدىلاندى، شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيە ۋاقتى قىسقىراپ، ئوپېراتسىيە چىقىمى ئاران 6000 يۈەندىن ئاشتى.

  شىنجاڭدا ئالتە يىل ئىشلىگەن، «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيەدىكى چەت ئەللىك دوختۇرلار ئاغرىقلارغا ئىنگلىز تىلىدا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، شىنجاڭلىق دوستلاردىن ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى ئۆگەندى. كورېيەلىك لى بيۇڭخەننىڭ ئىشخانىسىدىكى كىتاب ئىشكاپىغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوپپا كىيىپ كىگىز ئۆيدە چۈشكەن سۈرىتى ھەم ياردەمچىسى ئابدۇۋەلىنىڭ باكلاۋىرلىق كىيىمى كىيىپ چۈشكەن سۈرىتى قويۇلغانىدى.

  ئابدۇۋەلى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىغا كېلىپ، لى بيۇڭخەنگە ياردەمچى بولغانىدى. ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە چەت ئەللىك دوختۇرلاردىن ئېغىز بوشلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالالايمەن، بۇ يىل 7- ئايدا پىراكتىكا ۋاقتىم توشسا، مۇستەقىل كېسەل كۆرىمەن.

  بۇ كىچىككىنە «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيە چوڭ بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە روژدېستۋا بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى، چاغان، تاڭزۇڭزا چاغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەر يىلى قۇربان ھېيتتا ئامبۇلاتورىيەدىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەر كۆپچىلىكنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىپ، ھېيتنى بىللە تەبرىكلەيدۇ.

  بۇ «خەلقئارا» ئامبۇلاتورىيەنىڭ قۇرغۇچىسى خۇاڭ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئامبۇلاتورىيە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، مۇھىمى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى رايونلارنىڭ داۋالاش ھەمكارلىق سۇپىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان دوختۇرخانا 30غا يېتىپ، ئوندىن كۆپرەك دوختۇرخانا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 20دىن كۆپرەك دوختۇرخانا بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراقتىن داۋالاش ھەمكارلىقىنى يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر