باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم ئەزاسىنى ئىئانە قىلىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىيلارنىڭ سانى 270 مىڭدىن ئاشقان

2017.06.14 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- ئىيۇن، جۇڭگو ئەزا كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىلەن بېيجىڭ دوختۇرخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «پىدائىيلار ئىئانىسى. ھاياتلىق مەڭگۈلۈك - بېيجىڭ دوختۇرخانىسى ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاساسىي تېما پائالىيىتى»دە، جۇڭگو بەدەن ئەزاسىنى كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىق ياردەمچىسى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى جاۋ خۇڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئادەم ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش پىدائىيلىرىنىڭ تىزىملىتىش سانى 270 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ساخاۋەت قوبۇل قىلىدىغان تور بېكىتىدە تىزىملاتقان ئادەملەرنىڭ سانى 210 مىڭغا يەتكەن.

  2007- يىلى گوۋۇيۈەن «ئادەم ئورگانىزمىنى كۆچۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، جۇڭگو ئادەم ئورگانىزمى ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتى قۇرغان. 2015- يىلى، جۇڭگو ئەزا كۆچۈرۈش ۋە مەنبەسى تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، كۆچۈرۈلگەن ئەزانىڭ ھەممىسىنى پۇقرالار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىئانە قىلغان. 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئىئانە قىلغانلارنىڭ سانى 11مىڭ 977 كىشى، ئىئانە قىلىنغان ئەزانىڭ سانى 32 مىڭ 984غا يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2016- يىلى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ 13 مىڭدىن ئارتۇقى تاماملانغان بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، %83ى ۋاپات بولغانلاردىن ئىئانە قىلىنغان ئەزا، %17ى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدا ئىئانە قىلىنغان تىرىك توقۇلمىلاردىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر