- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يازلىق تەتىل مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1000 قېتىمغا يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتتى
2017.06.19 15:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق يازلىق تەتىلدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا يېڭىدىن ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچقانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى قىزىق لىنىيەلىرىدە كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار مىڭغا يەتكەن.
30- ئىيۇن جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئىككى دانە بوئېن 787 يولۇچىلار ئايروپىلانى كىرگۈزۈپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە سالماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىلقى يازلىق تەتىل يولۇچى توشۇشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا يەنە كەينى-كەينىدىن بەش دانە يېڭى بوئېن 737-800 يولۇچىلار ئايروپىلانى كىرگۈزمەكچى.
ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەھەتتە، 6- ئاينىڭ باشلىرىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر ـ تۇرپان ـ شىئەن، قەشقەر-كورلا-قاراماي، قەشقەر-غۇلجا قاتارلىق لىنىيەلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيەدىن باشقا يەنە، ئۈرۈمچى-غۇلجا-قاناس-ئۈرۈمچى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى ئېچىلغان، ئاچقان، ھەمدە ئۈرۈمچى-تەيبېي لىنىيەسىدە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر