باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر»نىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.16 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇلۇغ دەۋر بۈيۈك ھېكايىلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ، رەڭگارەڭ جۇڭگونى مۇپەسسەل بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقى 69 يىللىقى ھارپىسىدا، خەلق گېزىتى تۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان، خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان«شى جىنپىڭ ئېيتقان ھىكايىلەر»نىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 15- ئىيۇن بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەچچە يۈز پارچە سۆزى ۋە ماقالىسى ئىچىدىن ئۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى نامايان قىلىدىغان 109 پارچە تاللىۋېلىنغان، ھەر بىر ھېكايىدە ئەسلى تېكىست نەقىل كەلتۈرۈلگەندىن سىرت، يەنە «كېڭەيتمە ئوقۇشلۇق» قىستۇرۇلغان بولۇپ، ھېكايىلەردىكى مول تەپسىلاتلار، ئەسلىدىكى ھېكايە كونتېكىستىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئىسلاھات- تەرەققىيات يولى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى، ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇش يولىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ بېغىشلىما سۆزىدە مۇنداق دېدى: ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى داڭلىق سىياسىيونلار، مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىك ئۇسلۇبىدىكى خاسلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھېكايىلەرگە باش شۇجىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى مۇجەسسەملەنگەن ، كونكرېت ھەم جانلىق، ئاممىباب ھەم چوڭقۇر مەنالىق بولۇپ ، باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىكى كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. «شى جىنپىڭ ئېيتقان ھېكايىلەر»نىڭ نەشر قىلىنىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىكى مەيدان، كۆزقاراش، ئۇسۇلنى سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر