باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى ئاچتى

ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرەيلى

2017.06.15 15:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قەسەمياد يىغىنى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىندى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىردىن ۋەكىلى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر «بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز» تېمىسىدىكى ۋەدىنامىگە ئىمزا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى تەشكىلات ئىشلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى دائىملىق، ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق، ياشلارنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىقلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك ئاممىۋى ئاساس كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىۋىلىكنى قەتئىي ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ياشلار، ئاياللار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئاممىنى «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە تايىنىدىغان مۇستەھكەم كۈچىگە، قوللايدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە، چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئايلاندۇرۇش؛ ئىلغارلىقنى قەتئىي ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىكى ئىلغار تىپلار، «ئەڭ گۈزەل شەخسلەر»نىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش، ئىلغارلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش؛ ئاممىۋىلىقنى قەتئىي ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى، ئامما ئويلىغان، ئالدىرىغان ۋە ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ياخشى ئىگىلەپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، «ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر بىلەن دوستلىشىش» ۋە «كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «توققۇز تۈرلۈك ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنى موللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر