باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خېنەن شېۋىسى تۇتاشتۇرغان قېرىنداشلىق مېھرى

2017.06.15 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدا 6- ئاينىڭ 12- كۈنى خۇ كەيتۇڭ بالىسىنىڭ تەكشۈرتۈشىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ چىقىشىغا يۈسۈپجان مەمەتتىن تېلېفون كەلدى: مەن سىزگە كېرەكلىك پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىمەن، چىلانلىقىڭىزغىمۇ قاراپ قويىمەن، بالىڭىزنى خاتىرجەم داۋالىتىۋېرىڭ! ئۇلار ساپ خېنەن شېۋىسىدە پاراڭلاشتى.

  22 ياشلىق خۇ كەيتۇڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدىن بولۇپ، بۇلتۇر شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەندە يۈسۈپجان مەمەت بىلەن تونۇشقانىدى.

  خۇ كەيتۇڭ بىلەن يۈسۈپجان مەمەتنىڭ تونۇشۇش جەريانىغا كەلسەك، گەپنى خېنەن شېۋىسىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلتۇر 6- ئايدا خۇ كەيتۇڭ شاڭچيۇ شەھىرىدىن گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىغا كېلىپ، بىر نەچچە يەردە ۋاقىتلىق ئىشلىدى. بىر قېتىم خۇ كەيتۇڭ ئىشىنى تۈگىتىپ بىر نەچچە دوستى بىلەن بىللە تاماق يېگىلى بارغاندا ئاشخانىدا تۇنجى قېتىم يۈسۈپجان مەمەتنى ئۇچراتتى. خۇ كەيتۇڭنىڭ خېنەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن يۈسۈپجان مەمەت ئۇنىڭ بىلەن ساپ خېنەن شېۋىسىدە پاراڭلاشتى، بۇ ئىككىسى شۇنىڭدىن كېيىنلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  يۈسۈپجان مەمەت گۇمىلىق تۇرۇپ قانداقسىگە خېنەن شېۋىسىدە سۆزلىيەلەيدۇ؟ يۈسۈپجان مەمەت خۇ كەيتۇڭغا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى چىلان كۆچەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى نەچچە يىلدىن بۇيان خېنەندىن بۇ يەرگە ئىشلىگىلى كەلگەنلەر تىكتى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ مەن ئۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ تۇرغاچقا، خېنەن شېۋىسىنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالدىم. كۆز ئالدىدىكى خېنەن شېۋىسىدە سۆزلەۋاتقان بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشى خۇ كەيتۇڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق بىلىندى، ئۇلار بىر- بىرىگە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇردى. نەچچە كۈندىن كېيىن، يۈسۈپجان مەمەت خۇ كەيتۇڭنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.

  خۇ كەيتۇڭ بىلەن يۈسۈپجان مەمەتنىڭ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي يېقىنلاشتى، خۇ كەيتۇڭ يۈسۈپجان مەمەت ئائىلىسىنىڭ 100 موغا يېقىن يېرى بارلىقىنى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى جەھەتتىن قىينالغاچقا، قىسمەن يېرىنى ھۆددىگە بەرگەنلىكىنى، بەزى يېرىنى تېرىيالمىغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندى ۋە يۈسۈپجان مەمەتكە: ئىككىمىز چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى بىللە ئۆگىنىپ، يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆپرەك پۇل تاپايلى، دېدى. ئەمەلىيەتتە يۈسۈپجان مەمەتمۇ بۇرۇنلا مۇشۇنداق ئويغا كەلگەنىدى. ئىككىسى تېزلا كېلىشتى.

  خۇ كەيتۇڭ تېخنىكا ئۆگىنىش قارارىغا كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپجان مەمەتكە يەر ھۆددە پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى بەرمەكچى بولغاندا، يۈسۈپجان مەمەت چىلان كۆچىتى مېۋىگە كىرگەندە بىر گەپ بولسۇن، دەپ ئېلىشنى رەت قىلدى. ئىلگىرى يۈسۈپجان مەمەت چىلان كۆچىتىنى تىكىش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇپراق شارائىتىمۇ ناچار بولغاچقا، شۇنچە كۈچىسىمۇ، يىل ئاخىرىدا 30- 40 مىڭ يۈەن زىيان تارتىپ كەلگەنىدى.

  بۇ قېتىم ئۇ خۇ كەيتۇڭ بىلەن بىللە كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن تېخنىكا ئۆگەندى. ئىككىسى بوش ۋاقتى بولسىلا باشقا جايلارغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى، زىيان تارتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى، يەنى چىلانلىق تۇپرىقىنىڭ ئېغىر شورلاشقانلىقى، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ خۇ كەيتۇڭ بىلەن يۈسۈپجان مەمەت چىلان كۆچىتىنى سۈپەتلىك قوي قىغى، توخۇ مايىقى ۋە كۈنجۈرە بىلەن ئوغۇتلىدى ھەم كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ كۆكلەتتى. چىلاننىڭ ھوسۇلى يىلمۇ يىل ئاشتى، بۇلتۇر ئۇلار چىلاندىن سەككىز توننا ھوسۇل ئالدى.

  چىلاننىڭ مېۋە بەرگىنىنى كۆرۈپ خۇ كەيتۇڭ ھۆددە پۇلىنى تۆلىمەكچى بولغاندا، يۈسۈپجان مەمەت يەنە رەت قىلدى. ئۇ يەنە ھويلىسىدىكى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيىنى خۇ كەيتۇڭغا خوتۇنى بىلەن ئانىسىنى ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرۇشقا بىكارلاپ بەردى. بۇ يىل 6- ئايدا خۇ كەيتۇڭنىڭ خوتۇنى يەڭگىپ ئۈچ كۈن بولغاندا، بوۋاق ئاغرىپ قالدى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە زور بوغماق ئۈچەي، تۇغما يۈرەك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى. يۈسۈپجان مەمەت خۇ كەيتۇڭ بىلەن بىللە تەرەپ- تەرەپكە قاتراپ بالىنى داۋالاتماقچى بولغان بولسىمۇ، شۇ جاينىڭ داۋالاش سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، دوختۇرخانا بالىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەش تەكلىپىنى بەردى.

  خوتەن ۋوگزالىنىڭ كۈتۈش زالىدا يۈسۈپجان مەمەت خۇ كەيتۇڭغا چىلانلىقنى ماڭا تاپشۇرۇپ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭ، پۇلنىڭ ئامالىنى مەن قىلىمەن، دېدى. ئۇ خۇ كەيتۇڭنىڭ قولىغا بىر باغلام پۇلنى تۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پويىزغا سېلىپ قويدى. ئەمەلىيەتتە يۈسۈپجان مەمەتنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئۇنچە باياشات ئەمەس ئىدى، ئۇ بىر ھەپتىدە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاران دېگەندە 2000 يۈەن قەرز ئالالىدى، ئۇ بۇ 2000 يۈەن پۇلنىڭ بالىنى قۇتقۇزۇشتا ھېچنېمىگە دال بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، يۈسۈپجان مەمەت پەقەت بولمىسا، ئۆيۈمدىكى تىراكتورنى ساتىمەن، دەپ ئويلىدى. خۇ كەيتۇڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، يۈسۈپجان مەمەت ھەر كۈنى چىلانلىقنى سۈرەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردى.

  خۇ كەيتۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان چىلانغا دورا چېچىشقا يېتىشەلمىدىم، ئۇنىڭغا جاپا بولىدىغان بولدى.

  خۇ كەيتۇڭ بىلەن يۈسۈپجان مەمەت خۇ كەيتۇڭنىڭ بالىسى ساقايسىلا، بىللە چىلان كۆچىتى تىكىپ، پۇل تېپىپ ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىللە ساياھەت قىلىپ كېلىشكە پۈتۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر