باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى

2017.06.15 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەتقىقات مەركىزى 13-ئىيۇن ئېلان قىلغان «2016-يىللىق جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتىدىن» ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى ئاساسلىق تۈرلەر بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش، تىزىمگە ئېلىش، رويخەتكە ئېلىش سانى بىردەك بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئاشقان، قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشقان. بىراق، رايونلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىياتى يەنىلا تەكشى بولمىغان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارى، ئۈنۈمى، مۇھىم كۆرسەتكۈچىنىڭ خەلقئارا رەت تەرتىپى تەڭپۇڭ بولمىغان.

  دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلى ئاساسلىق تۈرلەر بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش، تىزىمگە ئېلىش، رويخەت ئېلىش سانى بىردەك زور دەرىجىدە ئاشقان، ئىجادىيەت پاتېنت ئىلتىماسىدىن 1 مىليون 339 مىڭ پارچە قوبۇل قىلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.5 كۆپەيگەن، ئۇدا ئالتە يىل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر