باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھات تۈرلىرىنى يولغا قويۇش نەتىجىسىنى 3-تەرەپ باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ئاممىنىڭ باشقا جايدا كىملىك بېرىشتىن رازى بولۇش نىسبىتى %98.2كە يەتتى

2017.06.15 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مەركىزى بىرلىشىپ يېقىندا «قىسمەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھات تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىنى باھالاش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئاممىنىڭ نوپۇسسىزلارنى تىزىملاش سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %94.6، سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %92.9؛ ئاھالىلەر كىملىكىنى باشقا جايدا بېجىرىش سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %98.8، سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى%98.2؛ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %96.2، ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %96.8؛ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %95.9، ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %95.2؛ تاشيول ۋە يېزىلارنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىپ تۆلەش ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %97.2، ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %96.8 ۋە شاڭخەي شەھەرلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار چېگرا سىياسىتىنىڭ مەزمۇنىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %96.6، سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %97.3 بولغان.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتە تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھات سىياسىتى ئەل رايىنى چوڭقۇر مايىل قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئامما مەركەز چىقارغان بۇ ئىسلاھات سىياسەتلەر ئەل رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەل رايىغا ماسلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، «خەلقنى مەركەز قىلغان» ياخشى سىياسەت دەپ قارىغان. ئامما ئالتە تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھات سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش سالمىقى ۋە ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۇلارغا كۆرگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدىغان يېڭى ئۆزگىرىش ۋە ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، دەپ قارىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر