خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ غەربى قىسمىدىكى بىر كورپۇس 24 قەۋەتلىك ياتاق بىناسىغا 14-ئىيۇن سەھەردە تۇيۇقسىز ئوت كەتتى، ئوت ئىككىنچى قەۋەتتىن باشلاپ تاكى بىنانىڭ ئۇچىغىچە كۆيۈپ، پۈتۈن بىنا خارابىلىككە ئايلاندى. ساقچى تەرەپ: ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندىمۇ ئالتە ئادەم ئۆلۈپ، 70 نەچچە ئادەم يارىلاندى، دېدى. بۇ ياتاق بىناسىدا جەمئىي 120 يۈرۈش تۇرالغۇ بولۇپ، تەخمىنەن 400دىن 600گىچە ئادەم تۇرۇۋاتقان ئىكەن. قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆلگەن- يارىلانغانلارنىڭ سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنكەن.
ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر تاراتقۇلارغا لوندوندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ دەھشەتلىك بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان «خۇددى دوزاخقا ئوخشاپ قالدى»، ھەممە جايدا ئېچىنىشلىق ئاۋازلار ئاڭلاندى، بەزىلەر تاكى ئوت ئۇلارنى يۈتۈپ كەتكۈچە قول چىراغ يورۇتۇپ قۇتقۇزۇشقا چاقىردى، يەنە بىر ئانا بالىسىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، بوۋىقىنى يۇقىرى قەۋەتلىك بىنادىن تاشلىدى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى