باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاناما جۇمھۇرىيىتى

2017.06.15 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا ئۈلۈشكۈن پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە سۆز قىلىپ، پانامانىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  تۆۋەندە پاناما جۇمھۇرىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.

  پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا ئۈلۈشكۈن پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە سۆز قىلىپ، پانامانىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  پاناما جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تۆت مىليون نوپۇسى بار، يەر كۆلىمى 75 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، پايتەختى پاناما شەھىرى، ئىسپان تىلى بۇ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى.

  پاناما پاناما قانىلى بىلەن داڭلىق. بۇ قانالنىڭ «ئالتۇن سۇ يولى» دېگەن نامى بار بولۇپ، تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى باغلاپ تۇرىدىغان خەلقئارالىق لىنىيە. قانالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 81.3 كىلومېتىر، كەڭلىكى 152 مېتىردىن 304 مېتىرغىچە، چوڭقۇرلۇقى 13.5 مېتىردىن 26.5 مېتىرغىچە دۇنيانىڭ ئالتە پىرسەنتكە يېقىن سودىسى مۇشۇ يول ئارقىلىق بولىدۇ، شۇڭا دۇنيا ئىقتىساد سودىسىنىڭ بارومېتىرى دېگەن نامى بار.

  ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت ۋە سودا پاناما ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى. پاناما قانىلىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان تەرىپىدىكى كولون ئەركىن سودا رايونى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى شۇنداقلا يەرشارىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئەركىن سودا رايونى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پانامانىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2016-2017-يىللىق يەرشارى رىقابىتى دوكلاتىدا پانامانىڭ ئىقتىسادى رىقابەت كۈچى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.

  پانامانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، بىراق بىر قەدەر چوڭقۇر تارىخىي باغلىنىشى بار. بۇنىڭدىن 160 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇقلار ئولتۇرغان كېمە مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى پاناماغا يېتىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ يۈز يىللىق ئالەمشۇمۇل تارىخىي مۇساپىسىنى ئاچقان. پانامادىكى ئىككى ئوكيان تۆمۈر يولىنى قۇرۇش ھەمدە پاناما قانىلىنى ئېچىشقا جۇڭگولۇقلار قاتناشقان. جۇڭگولۇق بۇ ئىشچىلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پانامادا ئولتۇراقلىشىپ قېلىپ، پانامانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، پانامادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار 150مىڭدىن ئاشقان، پاناما لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى رايونىنىڭ بىرى.

  جۇڭگو پانامانىڭ ئىقتىسادىدا ئىزچىل مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، جۇڭگو پاناما قانىلىدىن پايدىلىنىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، پاناما كولون ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئەك چوڭ تاۋار بىلەن تەمىنلىگۈچىسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر