باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باج مەمۇرىي ئىجازىتى بېجىرىش 7-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇلىدۇ

باج تاپشۇرغۇچىلار يولنى ئاز مېڭىپ توردا بېجىرسە بولىدۇ

2017.06.15 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باج باش ئىدارىسى يېقىندا «باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجازەت قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئەمەلىي، قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغان بەش تۈرلۈك تەدبىر چىقاردى، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا دەرھال بېجىرگىلى بولىدىغان باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، دەرھال بېجىرىدىغان ئىشلارغا «باج مەمۇرىي ئىجازىتى بېرىش قارارى» چىقىرىش ۋە يەتكۈزۈش، «باج مەمۇرىي ئىجازەتنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» چىقارماسلىق بەلگىلىنىپ، بېجىرىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئېشىپ، تەستىق ۋاقتى قىسقارتىلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئۆلكىلىك باج ئىدارىسىغا دەرھال بېجىرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلىپ، ھەر قايسى ئۆلكىلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىش مۇددىتىگە ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يولنى ئاز مېڭىپ توردا ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇشتا توردا باج مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا ئېلخەتتە ئۇچۇر قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جەزملەشتۈرۈش بېكىتىلدى، شۇنداقلا شارائىتى بار باج ئورگانلىرىنى توردا باج مەمۇرىي ئىجازەت ھۆججىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشىغا قولايلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر