خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى لۇساۋخۇ بازىرى سىگوڭ كەنتىدە بوشلۇقتىن تارتىلغان تۇتاش كەتكەن ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىق بازىسى.
ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىق تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، قورغاس ناھىيەسىگە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى «جۇڭگو ئۈستىقۇددۇس ماكانى» دەپ نام بەرگەن. نۆۋەتتە ئۈستىقۇددۇس تېرىش كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم خۇشپۇراق ئۈستىقۇددۇس ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالماستىن، قورغاسنىڭ ئۈستىقۇددۇس ئاساسىي تېما قىلىنغان ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى