باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ

2017.06.15 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 13-ئىيۇن: ئېلىمىز ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ، دېدى. «دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»گە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى قۇرۇش مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى بۇندىن كېيىن تەستىقلانمايدۇ: بىرىنچى، يېڭىدىن مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىلىك ئەنئەنىۋى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى قۇرۇش مەبلەغ سېلىش تۈرى؛ ئىككىنچى، ھازىرقى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى، تىجارەت ئاپتوموبىللىرى تۈرىدىن ھالقىپ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى؛ ئۈچىنچى، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان، يېرىم توختىغان، يىلمۇ-يىل زىيان تارتقان، مۈلكى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان، ھۆكۈمەت تولۇقلىمسىى ۋە بانكا قەرز پۇلىغا تايىنىپ قالغان ھازىرقى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئاتلاپ كۆچۈپ يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرى تەسىس قىلىشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر