باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە جاي 2017-يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2017.06.15 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، تيەنجىن، چىڭخەي قاتارلىق جايلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، تيەنجىن شەھىرى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن باشلاپ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى 1950 يۈەندىن 2050 يۈەنگە، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئادەم ئىشلىتىش سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن ھەق ئۆلچىمىنى 19.5 يۈەندىن 20.8 يۈەنگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چىڭخەي ئۆلكىسى 2017-يىلى 1-مايدىن باشلاپ، ئۆلكە بويىچە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش 1500 يۈەنگە تەڭشەشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شاڭخەي، شېنجېن، شەنشى، شەندۇڭ، چىڭخەي، فۇجيەن، تيەنجىن قاتارلىق ئاز دېگەندە يەتتە جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.

  بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2300 يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى؛ ئۇندىن قالسا شېنجېن بولۇپ 2130 يۈەن؛ تيەنجىننىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئىككى مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 2050 يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر