باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولدى

2017.06.15 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى 13- ئىيۇن، شياڭگاڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى (ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسى)نىڭ يېڭى ئەزاسى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن ماۋبو شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، تۇنجى قېتىم ئەزالىق سالاھىيىتى بىلەن ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ 6- ئاينىڭ 16-كۈنى كورېيەنىڭ چېجۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئاخبارات باشقارمىسى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قانۇن كېڭىشىنىڭ مالىيە كومىتېتى بۇرۇنلا شياڭگاڭنىڭ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ 1567 پاي دەسمايىسىنى تاپشۇرۇشىنى ماقۇللىغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 1530 ئۈلۈش ئەمەلىي تاپشۇرغان پاي دەسمايىسى (1 مىليارد 200 مىليون شياڭگاڭ دوللىرى، بەش يىلغا بۆلۈپ تاپشۇرىدۇ) ۋە 6121 ئۈلۈش تاپشۇرۇشنى كۈتۈۋاتقان پاي دەسمايىسى بار. كېيىنكى قانۇن تەرتىپىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ يېڭى ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندى.

  چېن ماۋبو مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىغا ئەزا بولۇش تەرتىپىنى بۇرۇنلا تاماملاپ بولغان بولۇپ، بۇ شياڭگاڭنىڭ ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوللاش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  چېن ماۋبو مۇنداق دېدى: «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياڭگاڭ <بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>تەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە، پىشىپ يېتىلگەن ساغلام ۋە ئايلىنىشچانلىقى يېتەرلىك بولغان پۇل مۇئامىلە بازىرىغا، شۇنىڭدەك نۇرغۇن خەلقئارا تەجرىبىگە ئىگە داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئىگە. بۇ ئەۋزەللىك ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسىنىڭ مەبلەغ توپلىشىغا ھەمكارلىشىپ، بانكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ».

  ئۇنىڭدىن باشقا، چېن ماۋبو مۇنداق دېدى: شياڭگاڭنىڭ لايىھەلەش، قۇرۇش، تىجارەت ۋە چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئىزچىل ئېتىراپ قىلغان. «شىياڭگاڭنىڭ كەسپىي ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت كەسپى چوقۇم ئاسىيا ئۇل مەبلەغ بانكىسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر بانكىغا ئەزا بولۇش ئالاقىدار ساھەلەر ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر