باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى

2017.06.16 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 15- ئىيۇن قارار ماقۇللاپ، ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رامكىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى (تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى) تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  قاراردا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىكىرى قارشى ئېلىنىپ، ھازىرقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ئىشخانىسى ۋە ب د ت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى ۋە خادىملىرىنى كاتىبات باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىدىن ئايرىپ چىقىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىغا قوشۇۋېتىش ھەمدە بىر مۇئاۋىن باش كاتىپنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىغا رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى: ب د ت باش كاتىپىغا مەسئۇل بولۇپ ب د ت سىستېمىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە رەھبەرلىك قىلىش؛ ب د ت تېررورلۇققا قارشى ئىجرا خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى ھەر قايسى ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ بىردەك ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى كۈچەيتىش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ كۆرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، بايلىقلارنى يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە تېگىشلىك ئەھمىيەت بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر