باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى تەشۋىقات ئاپتوموبىلىنى قوزغىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017.06.16 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر تەبرىكلەش كومىتېتى 14-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭدىكى ۋەنزەيدە، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات ئاپتوموبىلىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئالەم ئاساسىي تېما قىلىنغان بۇ تەشۋىقات ماشىنىسىدا، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار بولغاندىن سىرت، يەنە ئاۋىياتسىيە- ئالەم قاتنىشىغا ئالاقىدار نۇرغۇن دېكوراتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىلغان.

  تەبرىكلەش كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى جېڭ ياۋتاڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى، بىز 530 تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىمىز. تەشۋىقات ئاپتوموبىلى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى شياڭگاڭ، جيۇلوڭ، شىنجيې قاتارلىق ھەرقايسى رايونلارغا تارقىتىپ، پۈتۈن شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە خۇشاللىق كەيپىيات ھېس قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش خاتىرە كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر