باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تاشقورغاندا دەل جايىدا يۆلەشتە «شېنجېن ئەندىزىسى» قوللىنىلدى

2017.06.15 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بۇ زېمىندىكى كۆككە تاقاشقان ھەيۋەتلىك تاغلار نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى 25 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جىلغىلارغا تارقاقلاشتۇرغان. يەرلىكتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 13 مىڭ 86 نامرات كىشىگە نىسبەتەن، دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاتمۇقات تاغلار ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتى نامراتلىشىش ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە ئەڭ زور ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، بۇ دەل جۇڭگونىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كەلگەن «شېنجېن ئەندىزىسى»دۇر.

  بىر ناھىيەنى يۆلىگەنلىك بىر مىللەتنى يۆلىگەنلىك

  تاشقورغان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فەن لېي 6- ئاينىڭ 12- كۈنى مۇنداق دېدى: تاجىكلار مەن كۆرگەن ئەڭ ئاق كۆڭۈل مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلار چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەن چېگراسىنى، شىنجاڭنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداۋاتىدۇ، بىز جەزمەن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ يەردىكى خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك!

  تاشقورغان ناھىيەسىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ %80ى تاجىك مىللىتىدىن بولۇپ، ئاساسەن چارۋىچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى. فەن لېي قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار بۇ يەرگە كېلىپ، دېڭىز يۈزىدىن خېلىلا ئېگىز بۇ رايوندا جاپالىق ئىشلەش داۋامىدا، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

  «بىر ناھىيەنى يۆلىگەنلىك بىر مىللەتنى يۆلىگەنلىك» دېگەن قاراش شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلاندى. بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا مەبلەغ بولۇپ، شېنجېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت «13- بەش يىل»دا، بۇ ناھىيەگە ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنى %7.3تىن %10كە ئۆستۈرۈپ، 165 مىليون يۈەن ئاشۇرماقچى.

  فەن لېي مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە فۇتيەن رايونلۇق مالىيە ئىدارىسىمۇ تاشقورغان ناھىيەسىگە ياردەم بېرىدىغان مەبلەغنى زور مىقداردا ئاشۇردى. ھازىر ھەر يىلى ھۆكۈمەت مالىيەسى ئارقىلىق بۇ ناھىيەگە ئاجرىتىلىدىغان ياردەم مەبلىغى 300 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

  شېنجېن شەھىرى بىلەن تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ «2+1» دەل جايىدا يۆلەش رامكا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئارقىلىق مەبلەغنى دەل جايىدا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تەدبىرنى ھەر بىر ئائىلىگىچە جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككى جاي ھەمكارلاشقان بۇ ناھىيەنىڭ «13- بەش يىل»لىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى كەسىپ، ساياھەت، مەبلەغ سېلىش، پەن- تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. 27 تۈر سان ھەم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملاندى، «دەل جايىدا بولۇش» نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ساھەنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

  يۆلەش مېخانىزمى سىنىقىدىكى دەل جايىدا يۆلەش

  تاشقورغان ناھىيەسىدىن قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا، يولنىڭ بىر تەرىپىدە كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۇ چىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق سۈنئىي سۇغىرىلىدىغان ئوتلاق؛ يەنە بىر تەرىپىدە ئېگىزلىكتىكى كۆلچەك مەركەز قىلىنغان سۇغىرىش سىستېمىسى تاغ باغرىنى يېشىللىققا پۈركىگەنىدى.

  «شېنجېن ئەندىزىسى» چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغىچە دەل جايىدا قوللىنىلدى. ئىلگىرى كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۇ چىقىرىش تېخنىكىسى ئەزەلدىن يورۇقلۇق يېتەرلىك بولغان تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق قۇرۇلۇشىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلمىغانىدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۇ چىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن ئېگىزلىكتىكى كۆلچەكنىڭ سۇ تەمىنلەش سىستېمىسى 7600 مو ئوتلاقنى سۇغىرىپ، نەچچە مىڭ ئائىلىلىك نامرات چارۋىچىنىڭ يەم- خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  ناھىيە بويىچە ئوتلاقتىن باشلاپ قەدەممۇ قەدەم چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاساس قىلىپ، «قوتازنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى ھەم 4 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىگە 1100 قوتاز سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا بەردى؛ 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆكيار قىرغىز مىللىي يېزىسى بىلەن تاشقورغان يېزىسىدا «قوتاز ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈلگەن كۆلەملىك باقمىچىلىقنى قانات يايدۇردى؛ «ئالدى ھويلا، كەينى قوتان» بولۇشتىن ئىبارەت دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن 268 يۈرۈش كاتەك ياسىدى، 566 قوتان سالدى.

  يالغۇز بۇلا ئەمەس، شېنجېن شەھىرى يەنە يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 120 توننىغا يېتىدىغان يەم- خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشقا 9 مىليون 600 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى سەرخىل باشلامچى كارخانىلار ۋە «جېڭيۈەن» گۇرۇھىنى جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇردى. بۇ گۇرۇھ 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان 500 مو كۆلەمدىكى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ رايونى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇپ، شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە شۇ جايدا يېڭىدىن 600 ئىش ئورنىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چارۋىچىلىقتىن باشقا، ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ناھىيە بويىچە ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ ۋە ساھەلەرگە ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. مۇزتاغ مۇزلۇق باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، «پامىر ئېگىزلىكى مەنزىرە رايونى»نىڭ «جۇڭگو خەلقئارا ئېگىزلىك مەنزىرىلىك ساياھەت مەنزىلى»گە ئايلىنىشىغا، قونجىراپ پورتىنىڭ «جۇڭگو ئىنقىلابىي چېگرا قاراۋۇلى مەدەنىيەت- ساياھەت مەنزىلى»گە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى پۇختا ئورنىتىلدى

  تاغارما يېزىسى ئاراساي چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش تۇتاش رايونىدا ئابلاسقان دادىخاھ 6- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتە ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراتتى. ئىككى مو كۆلەمدىكى بۇ ھويلىدا 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي، 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۈستى يېپىق قوتان، 60 كىۋادرات مېتىرلىق پارنىك، 15 كىۋادرات مېتىرلىق كاتەك قاتارلىقلار تولۇق بولۇپ، ئابلاسقان پەقەت 15 مىڭ يۈەنلا چىقىم قىلدى.

  ئابلاسقاننى خاتىرجەم قىلغىنى بۇ ھويلا بولۇپلا قالماستىن، يەنە تارتمىسىدىكى سۇغۇرتا كارتىسى ئىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر ئادەم ئايدا 100 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيەدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان 1600دىن ئارتۇق ئاھالىگە ياردەم بەردى؛ سۇغۇرتا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر بىر ئادەم يىلىغا 55 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە 750 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 13 مىڭ 86 نامرات ئاھالىگە ئېغىر كېسەل قوشۇمچە سودا سۇغۇرتىسىنى بېجىرىپ بەردى، شەخسلەرنىڭ داۋالىنىپ ئاتچوت قىلدۇرۇش خىراجىتى 230 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى ئارقىلىق چارۋىچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە توكسىز تەبىئىي ئايلىنىدىغان پار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا 13 مىليون 510 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، چەت، يىراق يېزا- بازارلاردىكى ئائىلىلەرگە پار بېرىلدى.

  ئابلاسقاننىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا شېنجېن شەھىرى كىرگۈزگەن «ۋەنكې» گۇرۇھى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تاغارما يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ تاشقورغاندىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قويۇق تاجىكچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان بۇ مەكتەپ شېنجېن شەھىرىنىڭ فۇتيەن رايونىدىكى ئەڭ داڭلىق 4- باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن قوشماقلىشىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىدىيەلەر شېنجېندىن بۇ جايغا توختاۋسىز يەتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر