خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، تاماشىبىنلار كۆرگەزمىدە فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. بېيجىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە، كېسەك ئالتۇن تەشكىلاتىدىكى بەش دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورتاق تەمىنلىگەن 170 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، نۇرغۇن تاماشىبىن جەلپ قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 18-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى