باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2017.06.16 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 15- ئىيۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، ئىراننى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنى جازالاشتىكى تۈزىتىش لايىھەسىمۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى شۇ كۈنى 98 ئاۋازنىڭ قوللىشى، ئىككى ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسى ئاساسەن، ئامېرىكا ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد پىلانىغا قاتناشقان خادىملارنى، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن سودا ئالاقىسى بار خادىملارنى جازالايدۇ، تېررورلۇققا چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنى جازالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىرانغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش تەدبىرىنى كۈچەيتىدۇ.

  تۈزىتىلمە لايھەگە ئاساسەن، ئامېرىكا زور بىر تۈركۈم رۇسىيە تەرەپ خادىملىرىنى جازالايدۇ. بۇ خادىملارنىڭ قىلمىشى ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، چىرىكلىشىشكە چېتىلىش، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قورال بىلەن تەمىنلەش، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور ھۇجۇمى قىلىشىغا ياردەم بېرىش ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئاخبارات ياكى دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى بار بولۇشقا چېتىلىدۇ. قانۇن لايىھەسى يەنە رۇسىيەنىڭ قېزىلما بايلىقلار، مېتاللورگىيە، تىرانسپورت ۋە تۆمۈر يول قاتارلىق كەسىپلىرىنى جازالاشقىچە كېڭەيتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازالاش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا، پارلامېنت مەزكۇر تۈزىتىلمە لايھەگە ئاساسەن، قاراپ چىقىش تەرتىپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر