- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
توقسۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار دېھقانلارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى
2017.06.19 15:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكىلەر ئاپتونوم رايون بۇيىچە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۈچ ئەل خىزمىتى»گە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ يۆلەش نۇقتىسى بولغان تامتوغراق يېزىسىنىڭ يېڭىيەر كەنتىگە بېرىپ، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچى يوق، مېيىپ ۋە نامرات ئائىلىلەرنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ كېۋەز ۋە قوناق مايسىلىرىنى تاقلاش، تۇلۇقلاپ تېرىش، ئوتاش، چىلان ۋە ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ھارام شاخلىرىنى ئېلىش ۋە ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىق ئەمگەكلىرىگە ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەملەشتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر توقسۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن «ئۈچ ئەل خىزمىتى» بۇيىچە تامتوغراق يېزىسىنىڭ يېڭىيەر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 40 ئائىلىگە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك خىمىيەۋى ئوغۇت ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئارقىلىق بېيىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن: سىدىق مىجىت، تاھىر قۇربان خەۋىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر