باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ساتتار ماھىر

2017.06.16 15:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن تۇرپاننىڭ چەت يېزىسىدا تۇغۇلغان، ئون ياشقا كىرگەن يىلى دادام ئالەمدىن ئۆتتى. ئانام ئەينى چاغدا بىز تۆت بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا ئائىلىمىزدىكى بەش جان كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەكتىن غەم قىلمىدۇق، بىز يەنە ئوقۇشسىز قالمىدۇق. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ئالىي مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، مەن دېھقان ئوغلى، ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتىدىن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدىم. ئائىلەم، كىشىلىك ھاياتىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئالەمچە شەپقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىن كەلگەنىدى. ئانام ھايات ۋاقتىدا دائىم ماڭا: مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان، ۋىجدانلىق ئادەم بول، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما، دەپ تەربىيە بېرەتتى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئۆمۈر پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز!

  ئەينى ۋاقىتتا كەنتىمىزدە ئون نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقان بار ئىدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى ئىناق ئۆتەتتى. مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ۋە قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەت ئىناق بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشەتتى. ئەقلىمنى بىلسەم، بىر ئائىلىلىك خەنزۇ تۇغقىنىمىز، خەنزۇ ئاچام، خەنزۇ يېزنەم بار ئىدى، ئۇلار ئاپامنى «ئاپا»، دادامنى «دادا» دەپ چاقىراتتى، ئۇلارنىڭ بالىسى دادام بىلەن ئاپامنى «بوۋا، موما» دەپ چاقىراتتى. ئۇلار 1959- يىلى جياڭسۇدىن چېگراغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار بولۇپ، ئۆي- ئوچاقلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئاپام ئۇلارغا كوللېكتىپ تاماق ئېتىپ بەرگەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇلار بىلەن دادام ۋە ئاپام ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلىپ، ئۇلار ئالىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قاپتۇ. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئاپام ھەمىشە ئۇلارغا نان يېقىپ بېرەتتى، چاغاندا ساڭزا سېلىپ بېرەتتى. قۇربان ھېيتتا ئۇلار بىزگە قوي ئېلىپ بېرەتتى. ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسەك، مەسلىھەتلىشىپ بىللە ھەل قىلىپ، تۇغقانلاردىنمۇ يېقىن ئۆتەتتۇق. 1997- يىلى ئاپام ئالەمدىن ئۆتكەندە، خەنزۇ ئاچام بىلەن يېزنەم ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىللە ھازا ئاچتى. كېيىن خەنزۇ ئاچام بەختكە قارشى ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى كەلگەندە بىزنىڭ ئۆيدە تۇردى، مەن ھەر كۈنى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسەتتىم. قوشنىلىرىم ناھايىتى ھەيران قالدى، مەن ئۇلارغا: بۇ مېنىڭ تۇغقىنىم، دېدىم.

  بىز ئىككى ئائىلىنىڭ يېقىن مېھىر- مۇھەببىتى ۋە رىشتى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ چاقىرىقىدا پەيدا بولغان، شۇنداقلا ئۆتكەن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە پۇختا ئاساس سېلىپ بەرگەن، بىز بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز ۋە ئاسرايمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا كۆپ قېتىم «ئۈچ خىل كۈچ» قۇتراتقان، تەشكىللەپ يولغا قويغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەردى. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەقسىتى رەزىل، ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىندى، بىزنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق، بەختلىك تۇرمۇشىمىز زىيانغا ئۇچرىدى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك، ئۇلار دىن تونىغا ئورىنىۋالغان بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر.

  مەن زىممەمدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئېنىق بىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ، مەن بارلىق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كادىرلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمەن؛ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولىمەن. بىز ئۇيغۇر كادىرلار باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جان تومۇر، دەپ بىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز؛ ھەر مىللەت ئاممىنى ھازىرقى ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، بىر- بىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىر- بىرىدىن ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر