باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت تۈرى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدا پىكىر تارقاتتى

2017.06.19 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت تۈرى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، مەۋقەنى ياشانغانلارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى بېكىتتى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارغا تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى بىلەن ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارنى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئائىلىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئائىلىدە كۈتۈش مۇلازىمىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا سىياسەت مەدىتى بېرىش كېرەك. ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى ياشانغانلارنى ئەلا، قولاي، ئېتىبار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش شۇنداقلا باشقا تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئائىلىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، داۋالاش پەرۋىش قىلىش، روھىي جەھەتتىن تەسەللى بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى مەھەللىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلار ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياكى قىسقا مەزگىللىك ھاۋالىلىك كۈتۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار دېيىلدى: شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ ياشانغانلارنى ئېتىبار ۋە قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاپ، تاشيول، تۆمۈر يول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنى ياشانغانلارنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياشانغانلار، بالىلار، كېسەل، مېيىپ، ئىككىقات قاتارلىق نۇقتىلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، شارائىتى بار ئاممىۋى قاتناش مەيدانى، بېكىتى ۋە ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىنى توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى تەلىپى بويىچە توسالغۇسىز ئەسلىھە قۇرۇشنى تېزلىتىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر مۇلازىمەت بەلگىسى تەسىس قىلىپ، كۈتۈش مەخسۇس رايونى ياكى مەخسۇس ئورۇندۇقى بېكىتىپ، ھەمراھسىز، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز قاتارلىق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق ياشانغانلارنى قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر