باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ 9-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھە ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.06.19 16:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شيامېندا 9-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇنبىرىگە قاتناشقان ئىككى قىرغاقتىن كەلگەن قىسمەن مېھمانلار ۋە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت توغرا يولدا چىڭ تۇرۇشتا ئاچقۇچ-«92-يىلقى ئورتاق تونۇش»نىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا» قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا. «92-يىلقى ئورتاق تونۇش»نىڭ يادروسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى ئېنىق ئايرىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. بۇ مەسىلە ئايدىڭ بولسا، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇن مەسىلە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى «92-يىلقى ئورتاق تونۇشنى»، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى، بۇ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا زىيان سالدى. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسىلە.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلگىنىگە 30 يىل بولدى. نۆۋەتتە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا، ئىككى قىرغاقتىكى ئەل ئىچى ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنى كۆپرەك ئالاقە قىلىش، كۆپرەك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، چۈشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالاقىدار تارماقلار تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولاي بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزمەكتە.

  جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭ شيۇجۇ قاتارلىق تەيۋەنلىك ئەربابلار سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى دائىرىلىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى بۇزغان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى سۇسلاشقان پەيتتە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكىلەر مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇ،ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ «92-يىلقى ئورتاق تونۇش» ئاساسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئەلرايىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، تەيۋەندىكى ھەر ساھە ئاممىسى «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيە ئاساسىدا، ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا قاتنىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ شانلىق كەلگۈسىنى يارىتىشنى كۈتمەكتە.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر