باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى

2017.06.16 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تۆت مىنىستىرلىق كومىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش تۈرى رايونلىرىنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ناھىيە، رايون، شەھەر ھەمدە بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق ئىقتىسادى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، قۇرۇلۇش ئاساسىي بىر قەدەر ياخشى بولغان، ئاممىنىڭ سۇ تاۋار ئېڭى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئۆلكىلەر 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ يۈكىنى كۆپەيتمەسلىك پىرىنسىپى بويىچە، ئىسلاھاتنى يولغا قويغان رايونلار بەلگىلەنگەن نورما ئىچىدە ئىشلىتىلىگەن سۇنىڭ ئۆستۈرۈلگەن باھا قىسمىنى مالىيەدىن تولۇقلاپ بېرىدۇ، تېجەلگەن قىسمىغا مۇۋاپىق مۇكاپات بېرىدۇ؛ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىلگەن سۇغا تولۇقلىما بەرمەيدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا يىغىپ باھا قوشۇپ ھېسابلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر