باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2017- يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.06.19 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىللىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17- ئىيۇن كەچ گۇاڭجۇدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، تەنھەرىكەتچىلەر، تېرىنېرلارنى سەمىمىي قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۈتىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۆز ئۇسلۇبى، سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر