باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭىچە ئىقتىساد جۇڭگوغا يېڭىدىن ھاياتى كۈچ قوشتى

2017.06.16 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە سانائەت، يېڭىچە كەسىپ، يېڭىچە قېلىپ، يېڭىچە مەھسۇلاتلار ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا يېڭىدىن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلماقتا.

  موبېل ۋېلىسىپىتى يېقىندا يەرشارىدىكى 100-شەھەر بولغان ئەنگلىيەنىڭ مانچىستېرغا كىردى. موبېل ۋېلىسپىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قوشۇمچە باش دىرېكتورى خۇ ۋېيۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مانچېستېر-موبېل ۋېلىسىپىتى كىرگەن ئاسىيادىن سىرت تۇنجى شەھەر، موبېل ۋېلىسپىتىنىڭ يېڭى نىشانى 2017-يىلىدا يەرشارىدىكى 200 شەھەرگە كېڭىيىش.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مايدا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.3 پىرسەنت ۋە 10.3 پىرسەنت ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن 4.8 پىرسەنت پوئىنتى ۋە 3.8 پىرسەنت پوئىنتى تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن مەھسۇلاتلار داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئاشقان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە سانائەتتىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 50.4 پىرسەنت ئاشقان، ھەرىكەتچان كۆپ ئىشلىتىشچان ماشىنا 20.8 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق كەسىپلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىڭىپ كىرىشىدىن پايدىلىنىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىر سودىسى، توردا داۋالاش، ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت قاتارلىق يېڭىچە مۇلازىمەت قېلىپى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى.

  بولۇمبېرگ ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگو- ھەمبەھىر ئىقتىسادنىڭ كېلەچېكى» دېگەن ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى غايەت زور ياسىمىچىلىق كەسپىي ئۆزىنىڭ يانفون ئەمەلىي پىروگراممىسى ئاساس قىلىدىغان ھەمبەھىر ئىقتىسادىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا قانداق ھەمبەھىرلىنىشنى ئۆگىتىدىغان ئۇستازغا ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر