باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئەرلەر بوكس كوماندىسى زەپەر قۇچتى

2017.06.16 15:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۇق، − دېدى شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىت 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ توققۇزتارا خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى ھەققىدە توختىلىپ، − ماھىرلىرىمىز ئۈچ كۈندە ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ، كوللېكتىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  6- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ توققۇزتارا خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى 6- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە توققۇزتارا ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئەرلەر بوكس كوماندىسىدىكى 14 ماھىر ئۈچ كۈندە رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن كەلگەن ماھىرلار بىلەن سەككىز ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ، ئۆزبېكىستاننى 2: 7، قازاقىستاننى 3: 4، رۇسىيەنى 2: 7 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، كوللېكتىپ چېمپىيون بولدى، ئۆزبېكىستان 2- لىككە، قازاقىستان 3- لىككە ئېرىشتى. تۆت دۆلەت ماھىرلىرى 50 نەچچە مەيدان كەسكىن مۇسابىقىدە ماھارىتىنى ياخشى نامايان قىلىپ، تاماشىبىنلارنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى بوكس مۇسابىقىسىدىن بەھرىلەندۈردى، مۇسابىقىنى كۆرگەن تاماشىبىن 15 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز مۇسابىقە ئارقىلىق شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، 2003- يىلى خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالتە نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى شىنجاڭنى، شۇنداقلا شىنجاڭ بوكسچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ياخشى رول ئوينىغان. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان بوكس كوماندىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلار ھېسابلىنىدىكەن.

  − بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە رۇسىيەدىن سىبېرىيە كوماندىسى، ئۆزبېكىستاندىن تاشكەنت ۋىلايىتى كوماندىسى، قازاقىستاندىن قاراغاندا ئوبلاستى كوماندىسى قاتناشتى. بۇ كوماندىلاردا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە چېمپىيون بولغان ماھىرلار بار، شۇڭا مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان 14 ماھىرنىڭ 12سى بۇ يىل 8- ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ماھىرلارغا ئەمەلىي مەشىق قىلىدىغان، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان، ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بەردى، ماھىرلىرىمىز مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى مەيداندىن ئۈچ مەيدانغىچە مۇسابىقە ئوينىدى، − دېدى ئابدۇشۈكۈر مىجىت.

  ئۆزبېكىستان بوكس كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كوللېكتىپ 2- لىككە ئېرىشتى، ئۆزبېكىستان بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىلياس رەخىمجان مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىگە كۆپ قاتناشتۇق، بۇ مۇسابىقە بوكس تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە، ئۆزئارا تېخنىكا، ماھارەت ئۆگىنىشىگە، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

  شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئابدۇرۇسۇل روزى مۇنداق دېدى: ماھىرلىرىمىزنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىپادىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئارقىلىق تەنھەرىكەتچىلىرىمىزدە قىسمەن جەھەتلەردە كەمچىلىك، ئاجىزلىقلار ساقلانغانلىقىنى بايقىدۇق. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى مۇشۇ ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەشىقنى كۈچەيتىمىز.

  شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ماھىر قەيسەر تاشمەمەت مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن ئۈچ ماھىر بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

  − ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن ماھىرلارنىڭ سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، گەرچە ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان بولساممۇ، لېكىن مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆزۈمدە يەنىلا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. نەچچە كۈندىن بۇيان مۇسابىقىدە ھېس قىلغانلىرىم توغرىسىدا خۇلاسە يېزىۋاتىمەن، بۇ مېنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە تولۇق ئىشەنچ بىلەن قاتنىشىشىمغا تۈرتكە بولىدۇ. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە يەنە 50 نەچچە كۈن ۋاقىت قالدى، بۇ مەزگىلدە ئۆزۈمدىكى ئاجىزلىقلارنى تۈگىتىپ، كۈچ ۋە تاكتىكا مەشىقىنى ياخشى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشقا تىرىشىمەن، − دېدى قەيسەر تاشمەمەت.

  ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ بېشىدا تيەنجىن شەھىرىدە باشلىنىدىكەن. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر 6- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى دوبا دۆلەت ئېگىزلىك تەنتەربىيە مەشىق بازىسىدا 20 كۈن ئەتراپىدا ئېگىزلىك مەشىقىگە قاتنىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر