باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەھەر ئاھالىلىرى 100 يۈەن تولۇقلىسا، ھۆكۈمەت 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە «مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»دىن 10 مىڭ دانە تارقىتىلىدۇ

2017.06.19 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 16-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە «مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى»دىن 10 مىڭ دانىسى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ خەلققە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى «مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئارقىلىق دراما، كونسېرت، ناخشا كېچىلىكى قاتارلىق ھەرخىل مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا بولىدىكەن.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى ھەقىقىي نام تۈزۈمىدىكى كارتا بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى كىملىك قاتارلىق ئىناۋەتلىك كىنىشكا، تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدىكەن. ھەر بىر كارتىنىڭ قىممىتى 500 يۈەن بولۇپ، ھۆكۈمەت 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرى 100 يۈەن قاچىلايدىكەن. كارتىدىكى پۇل تۈگىگەندە، شەھەر ئاھالىلىرى كارتىغا پۇل تولۇقلاپ ئىشلەتسە بولىدىكەن ۋە كارتا ئارقىلىق «مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» ئويۇن قويۇش ئىتتىپاقى ئورۇنلىرىنىڭ %30 دىن %90 كىچە ئېتىبار بېلەتلىرىگە ئېرىشەلەيدىكەن. (كونكرېت ئېتىبارى ئويۇن قويۇلىدىغان تىياتىرخانىنىڭ ئۇچۇر ئەسكەرتىشى بويىچە بولىدىكەن)، ھەر بىر كارتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئويۇندا سېتىۋالالايدىغان بېلەت سانى چەكلەنمەيدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش، نەق مەيدانغا بېرىپ ئىلتىماس قىلىش، تېلېفون ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش، ئۈندىدار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. توردا ئىلتىماس قىلغاندا، شەھەر ئاھالىلىرى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بىردىنبىر توردا ئىلتىماس قىلىش ئادىرىسى http://www.0991piaowu.com غا چىقىپ، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش گىرافىسى»نى تولدۇرۇپ، تېلېفون ئۇچۇرىنى ساقلاپ، ئۇچۇر بويىچە بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ؛ ئۇندىن باشقا، ئۈرۈمچى جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندىن ئىلتىماس قىلىپ ئالسىمۇ بولىدۇ؛ ياكى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا «乌鲁木齐文化惠民卡» دەپ كىرگۈزۈپ، شۇ ئاممىۋى سۇپا ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر