باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كوئولنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستايېنمېيىل ۋە زۇڭلىسى مېركېلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017.06.19 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كوئولنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستايېنمېيىل ۋە زۇڭلىسى مېركېلغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىدا كوئولنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، كوئولنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: كوئول ئەپەندى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن گېرمانىيەنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ تارىختىكى تۆھپىسى دۇنيا خەلقىنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ خاتىرىلىنىدۇ. ئۇ جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا سۆزلىشىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇپ كەلدى شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى چۈشەندى ۋە قوللىدى، جۇڭگو خەلقى بۇ كونا دوستىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو-گېرمانىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر