خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئىيۇن كەچتە، شاڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىغا قىزىل گىلەم يېيىتىلىپ، 2017-يىللىق شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى 90 ياشقا بېرىپ قالغان كىنو سەنئەتكارى ۋاڭ دەنفېڭغا بېرىلدى.
1993-يىلى بارلىققا كەلگەن شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى جۇڭگودىكى تۇنجى خەلقئارالىق A تۈردىكى كىنو فېستىۋالى بولۇپ، 20 نەچچە يىللىق تارىخىي تەرەققىيات ئارقىلىق، شاڭخەي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارا كىنو پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو - تېلېۋىزىيە فېستىۋالىدا 106 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلتۈرۈلگەن 2528 فىلىم تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، فىلىم سانى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى