باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆرۈم تېشى، خوتەن قاشتېشى نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

2017.06.19 14:53   مەنبە: خەلق تورى

10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆرۈم تېشى، خوتەن قاشتېشى نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇن، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆرۈم تېشى، خوتەن قاشتېشى نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى.

  10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا كۆرۈم تېشى، خوتەن قاشتېشى نەپىس بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ھۆسنخەت، ھۈنەر-سەنئەت، يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملار كۆرگەزمىسى، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئۈنچە-مەرۋايىت، زىننەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ رۇدا ياقۇت كۆرگەزمىسى، 2-نۆۋەتلىك مېتېئورىت تاشلىرىنى تونۇشتۇرۇش، چۈشەندۈرۈش مەملىكەتلىك كۆرگەزمىسى بىللە ئېچىلدى.

  بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 1200 دىن ئارتۇق سودىگەر، شىركەت-ئورۇنلار قاتناشتى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر خىل ياقۇت، كۆرۈم تاش، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىق تاۋارلار 1000 خىلدىن ئاشتى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان تۈرلەر ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى، رۇدا تاش، مېتېئورىت تاش، كۆرۈم تاش، ھۆسىن خەت ۋە رەسىم، ئاسارئەتىقە، يىلتىز ئويما، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى، يىغىپ ساقلىنىدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، كۆرگەزمە جەريانىدا يەنە ھەقسىز باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى قولىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشىنى كەسپىي ئاپپاراتلارغا ھەقسىز تەكشۈرتۈپ باھالىتىپ باقسا بولىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە 25-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيى…
    ·ئونمىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ شىنجاڭ، شىزاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سە…
    ·جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم تولۇق كۇرسقا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋە گۈزەل سەنئەت دەرسلىكىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئى…
    ·كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەش ئالىي مەكتەپ چوڭ تۈرلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى
    ·ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالتە خىل ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك
    ·قازاقىستان پوچتا پويىزى جۇڭگودىن قازاقىستانغا قاراپ يول ئالدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا توردا مەسلىھەت سوراش كېلەر ھەپتە…
    ·ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، مەمنۇن بولۇش دەرىجىسى سىجىل …
    ·2017-يىللىق قازاقىستان-جۇڭگو كىنو كۆرگەزمىسى−شىنجاڭ كىنو ھەپتىلىكى ئالمۇتادا باشلاندى