باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تارىخىدىكى سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2017.06.19 16:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تارىخىدىكى سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ تاشيول تۈرى ‹‹G577›› لىنىيەسىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن غۇلجا ناھىيەسىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈرى قۇرۇلۇشىدا 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىش باشلاندى. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا شەرقتىن غەربكە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن يەنە بىرى كۆپىيىپ، غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ تاشيول مۇساپىسى 170 كىلومېتىر ئەتراپىدا قىسقىرايدۇ.

  جىڭ ناھىيەسىدىن غۇلجا ناھىيەسىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول جىڭ ناھىيەسىدىكى ساشەنزىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن باشلىنىپ، ‹‹G30›› سايرام – كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار يېزىسىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 89.51 كىلومېتىر، مەبلەغ سېلىنمىسى 11 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى غۇلجا شەھىرىدىن شەرققە قاراپ مېڭىپ جىڭ ناھىيەسىدىن ‹‹G30›› يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا كىرەلەيدۇ.

  ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئالاھىدە بولغاچقا، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان تاشيول بىرلا ئىدى، ‹‹G30›› لىنىيەسىنىڭ سايرام – كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ قاتناش بېسىمى پەسەيگەن بولسىمۇ، تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن، قار كۆچكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىدە، يەنىلا پات – پات قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ھەر يىلى 40 – 50 قېتىم قاتناش ئۈزۈلۈپ قالاتتى، ناچار ھاۋا رايى قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سىرت بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالاتتى. يېڭىدىن ياسالغان جىڭ ناھىيەسىدىن غۇلجا ناھىيەسىگىچە بولغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىدىكى 2 – يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يېرىم يىل.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ جەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يول دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغاچقا، كۈچلۈك تۇمان، كۈچلۈك بوران، قار – مۇز ئاپىتىدىن ساقلانغىلى، قاتناشنىڭ 24 سائەت راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يول پۈتسە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كىرىپ چىقىشتىكى يەنە بىر ئاساسلىق تاشيول بولۇپ قالىدۇ.

  شۇ كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹G577›› لىنىيەسىدىكى تېكەس ناھىيەسىدىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدىمۇ رەسمىي ئىش باشلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر