- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بوگوتادىكى بىر سودا مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ۋە يارىلاندى
2017.06.19 16:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادىكى بىر سودا مەركىزىدە 17-ئىيۇن پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، توققۇز ئادەم يارىلاندى. بوگوتا شەھىرىنىڭ باشلىقى پېنىيالوسا: پارتلاش تېررورلۇق ھۇجۇمى دېدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندە سودا مەركىزىدە ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن خېرىدارلار ئەتىسىدىكى ئاتىلار بايرىمى ئۈچۈن سوۋغا تەييارلاۋاتاتتى.
كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە ساقچىلارغا بۇ ۋەقەنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تاپىلىدى.
يەرلىك تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ«كولومبىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى» بۇ قېتىمقى پارتلىتىشنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
كولومبىيە مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھازىر ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى بار، يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇلار ئىزچىل ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر