باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەندە كاتتا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.06.19 16:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەكەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك «يەكەن لوڭقىسى» ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە يەكەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تىزىملاش خىزمىتى 6-ئاينىڭ 14 – كۈنى باشلىنىپتۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە، ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، مۇسابىقىنى يەكەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ «<يىپەك يولى> يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغانىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلەم ۋە سەۋىيە جەھەتتە زور مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. يەكەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ «<يىپەك يولى> يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ئابدۇغېنى ئابدۈشۈكۈر مۇنداق دېدى: يەكەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتىمىز گوۋۇيۈەننىڭ پۇتبول ھەرىكىتى ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇتبولنىڭ ئىتتىپاقلىق، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىدەك روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا «يەكەن لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون كوماندا 50 مىڭ يۈەن، ئىككىنچى بولغان كوماندا 30 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى بولغان كوماندا 20 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ، كوماندىلىرىنىڭ تىزىملىتىشىنى، بىز ھازىرلىغان بۇ كەڭ سەينادا ئۆزىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز بولۇۋاتىدۇ. «يەكەن لوڭقىسى» غا ئوخشاش مۇسابىقىلەر شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبول چولپىنى، شىنجاڭ «<يىپەك يولى> يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئەكرەم ئەخمەت مۇنداق دېدى: پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن رايون ئاتلىغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك، مۇنتىزىم مۇسابىقىلەر تولىمۇ مۇھىم. بۇ خىل مۇسابىقىلەر ئەل ئارىسىدىكى پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش، كوماندىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشتا تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئادىللىقى، تۈزۈمى، سۈپىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشىغا كۈچەپ، مەستانىلەرگە قىزىغان مۇسابىقىلەرنى سۇنۇشقا تىرىشىمىز.

  شىنجاڭ «<يىپەك يولى> يۇلتۇزى» تەنتەربىيە تەرەققىيات شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نۇركامىل نورۇز مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 11 كىشىلىك مۇسابىقە بولۇپ، مۇسابىقىگە 17 ياشتىن يۇقىرىلار، يەنى 2000 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان ماھىرلارنى قاتناشتۇرۇش ئاساس قىلىندى. ھەربىر كوماندا بىر تىرېنېر، بىر يېتەكچى ۋە 20 ماھىر تىزىملاتسا بولىدۇ. مۇسابىقىنىڭ سۈپەتلىك، بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەربىر كوماندا 5000 يۈەن تىزىملىتىش ھەققى ۋە 1000 يۈەن ئىنتىزام رەنە پۇلى تاپشۇرىدۇ. ھەر قايسى جايلاردىكى پۇتبول كۇلۇبلىرى، كارخانا ۋە ئورۇنلار تەشكىللىگەن كوماندىلارنىڭ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر