خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پورتۇگالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رور گېمىس 18- ئىيۇن، پورتۇگالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 62گە يەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا 54 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ھەمدە 18-ئىيۇندىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئۈچ كۈنلۈك تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
گېمىس يېڭىدىن كۆپەيگەن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغۇچىلار ئىچىدە تۆت كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
گېمىس بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، ئۆلگەن 18 كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلى ئىچىدە ئۆلگەنلىكىنى، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئوت كەتكەن رايوندىكى تاشيولدا ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۈچ ئادەمنىڭ ئىس-تۈتەك كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇنجۇقۇش سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى، قىسمەن يارىدارلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى