باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2–قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى باشلاندى

2017.06.19 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى جايلاردا كەينى-كەينىدىن باشلانغان، خوتەن ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق جايلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى باشلاپ بولغان.

  2-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە بىر مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، 21 مىليون كىشى نەپكە ئېرىشتۈرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق كۆچمە خادىملار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇلتۇرقى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش تۈرىگە قىزىل قان ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش قوشۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭلىق شەھەر-يېزا ئاھالىسى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. 2017-يىلى 2-ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە جەمئىي 1بىر مىليارد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 17 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرتۈلۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. مۇشۇ ئاساستا، بۇ يىل يەنە شىنجاڭدىكى يەرلىك كېسەللىكلەر تىزىملىكىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2017-يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى دائىملىشىشقا قەدەم قويىدىكەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر