خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ قۇمۇل تەۋەسىدىكى يول بۆلىكى (6-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).
نۆۋەتتە، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ قۇمۇلدىن گەنسۇنىڭ مىڭشۈيغىچە بولغان بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، قوشۇمچە ئەسلىھەلەر ئارقا- ئارقىدىن ئورۇندالدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ بۆلەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 6-ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلاش مۆلچەرلەنگەن.
بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىم غول لىنىيەسى بولۇپ، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ئارىلىقىدىكى تاشيول مۇساپىسىنى 1000 كىلومېتىردىن كۆپرەك قىسقارتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى