سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 21 كۈنى كۈيباغ يېزىلىق مەركىزىي شىپاخانىسىدىكى تېببىي خادىملار ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرمەكتە
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسىدە 2017-يىللىق ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، ناھىيە بويىچە 500دىن ئارتۇق تېببىي خادىم بۇ خىزمەتكە ئاجرىتىلدى. نۆۋەتتە، بۇ ئەل رايى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ناھىيەنىڭ ھەممە يېزا-بازارلىرىدا تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ناھىيە بويىچە 220 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ناھىيە بويىچە 120 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سالامەتلىكى ھەقسىز تەكشۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈلگەن ھەربىر كىشىگە بىردىن سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان. (پوسكام ناھىيە كۈيباغ يېزىلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن تۇرسۇن راخمان)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى