باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

2017.06.20 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى 18-ئىيۇن سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، بىر ئۇچقۇچى يوقاپ كەتتى. بۇ، سۇرىيە دۆلەت ئىچكى توقۇنۇشى 2011-يىلى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم سۇرىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشى بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتى «بىرلەشمە قوغدىنىش»نى ئويلىشىپ، سۇرىيەدىكى يەر يۈزىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان دوست ئارمىيەلەرنى قوغداش ئۈچۈن، دېدى. سۇرىيە تەرەپ بۇنى ئەيىبلەپ: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشى كۈندىن-كۈنگە ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئوچۇقتىن-ئوچۇق ھۇجۇم قىلىشى» سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بولۇپ، نىيىتى ناھايىتى ئېنىق، دېدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۇرۇشى داۋامىدا، قولدىن كەتكەن نۇرغۇن جايلارنى قايتۇرۇۋالدى، ھازىر ئوخشاشلا راققاغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى قولىدىن نۇرغۇن نېفىتلىك ۋە كەنتلەرنى تارتىۋالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىپ، سۇرىيەنىڭ غەربى جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلاردا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىقلىرى بىرلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچى قوراللىقلار بىلەن «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى چېكىنگەندىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتكەن يەرلەرنى تالاشماقتا، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر