باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گۇتېرىس پورتۇگالىيەدە پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى

2017.06.19 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس 18-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، پورتۇگالىيەنىڭ چوڭ پىدروگاڭ رايونىدا پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى بولغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

  گۇتېرىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ قەلبىم بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زۆرۈر ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. گۇتېرىس شۇنىڭ بىلەن بىرگە پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا قايتۇرغان ئىنكاسى ھەمدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ماختىدى.

  پورتۇگالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايوندا 17-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، پورتۇگالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغىچە ئوت ئاپىتىدە 62 ئادەم قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا 54 ئادەم يارىلانغان. پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا تۈنۈگۈن: بۇ پورتۇگالىيەدە يېقىندىن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق ئورمان ئوت ئاپىتى دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر