باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

7- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى-ئىسلامئاباد ئارىلىقىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش قېتىمى ھەپتىدە 4- قېتىم ئۇچۇشقا كۆپەيتىلىدىكەن

2017.06.20 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئىيۇن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 7- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھەر سەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى-ئىسلامئاباد ئارىلىقىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن، شۇ چاغدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى- ئىسلامئاباد ئارىلىقىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەپتىسىگە تۆت قېتىم ئۇچىدىكەن.

  يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى ئەسلىدىكى دۈشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىدىن پەرقلىق بولىدىكەن، يەنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئىسلامئابادنىڭ شۇ يەرلىك ۋاقتى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىسلامئابادقا قونىدىكەن؛ قايتقاندا، ئىسلامئابادنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئىسلامئابادتىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر