باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى جۇڭگودا توققۇز چوڭ ساھەدىكى مالىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى

2017.06.20 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 2-قېتىملىق مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى 19-ئىيۇن شاڭخەيدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتى مالىيە ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھۆججىتى بويىچە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، توققۇز چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېندىكى ئۇچرىشىشىغا مالىيە ساھەسى سىياسىتى ۋە نەتىجىلىرىنى ياخشى تەييارلىدى.

  بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى بۇ يىل 2-قېتىم ئېچىلىشى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېندىكى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى. يىغىندا مالىيە مىنىستىرى شياۋ جيې ۋە خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن يۈلۇ يىغىنغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى، باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ماكرو ئىگىلىك ۋەزىيىتى، G20 مالىيە قارالمىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي مالىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق قارالمىلار مۇزاكىرە قىلىندى ھەم مالىيە نەتىجىلىرى ئامىللىرى ھۆججىتى ماقۇللىنىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېندىكى ئۇچرىشىشىغا سۇنۇلغانلىقى، بۇ يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا كۆزلىمە نىشانغا يېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شيۋ جيەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىغىندا تەرەپلەر ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى ھەم G20 مالىيە يوللىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ، تىرىشىپ ئورتاق سادا شەكىللەندۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

  مۇۋەپپەقىيەت ھۆججىتى بويىچە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تۆۋەندىكىدەك توققۇز چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ھەمكارلىق سۇپىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش.

  ئىككىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز پۇلى زايۇم بازارلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك ماقۇللاش.

  ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) بويىچە ساھەلەر ھەمكارلىق رامكىسى بەرپا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ PPP ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سېلىش.

  تۆتىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى تورلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازارلىرىنى بىرلەشتۈرىشى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

  بەشىنچىدىن، بوغالتىرلىق مىزانىنىڭ بىردەكلىككە يۈزلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا تەڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى زايۇم بازارلىرى يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.

  ئالتىنچىدىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي ئەھۋال زاپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئىقتىسادىي تەپتىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش (CRA) نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، CRA نى تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.

  يەتتىنچىدىن، ئۆزئارا پۇل ئالماشتۇرۇش، ئۆز پۇل راسچوتى ۋە ئۆز پۇلى بىۋاسىتە مەبلىغى قاتارلىق پۇل ھەمكارلىقىدىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇش.

  سەككىزىنچىدىن، خەلقئارا باج ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىش.

  تۇققۇزىنچىدىن، پۇل يۇيۇشقا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈشتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر