باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.06.20 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىسلاھات لايىھەسى»دەپ ئېلىندى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تىرىكى ۋە ئاساسىي كاپالىتى قىلىپ، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، غايىلىك، لەۋزىدە تۇرىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە زور سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئومۇمىي تەپەككۇر ۋە سىستېمىلىق لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلەشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ، «ئىسلاھات لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. «ئىسلاھات لايىھەسى»دە، يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نىشان-ۋەزىپىلىرى ھەم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىمىز، قانداق ئىسلاھ قىلىمىز، قانداق يول ئارقىلىق قايسى نىشانغا يېتىمىز» دېگەندەك بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ئېنىق بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر