باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كىرىم تەقسىماتى بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرايلى

2017.06.20 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇنىۋېرسال يانداش سىياسىتى، مەخسۇس رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى، كىرىمنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىدۇ: ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، تەتقىقاتچى، يېڭىچە كەسپىي دېھقان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ؛ دەسلەپكى تەقسىمات تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قايتا تەقسىماتنىڭ تەڭشەش سالمىقى داۋاملىق ئاشىدۇ... دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «2017-يىللىق كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى. كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قاراتمىلىق چارىلەر، كىرىم ئادىللىقىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلەر كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى دائىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. كۆپچىلىك كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئالقىش ياڭرىتىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭى ئىشتىن ئەنسىرىدى. يېڭى نورماللىقتا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىسا، بۇنىڭدىن كېيىن كىرىم يەنە ئۇدا ئۆسەمدۇ؟ بەزى ئەمەلىي كارخانىلارنىڭ بىر يىللىق پايدىسىغا بىر يۈرۈش ئۆيمۇ كەلمەيدۇ، ئەمگەك بىلەن بېيىش بوشلۇقى يەنە قانچىلىك؟ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر ئارىسىدىكى كىرىم پەرقىنى تولدۇرۇش تەس، بۇ «كەسىپكە خاتا كىرىپ قالسا» كىرىم ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ تەسلىكىنى ئىپادىلەمدۇ؟ تۈرلۈك ئەندىشىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىرىم تەقسىماتى ساھەسىدە يەنىلا جىددىي تەڭشەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ھالقىلار ساقلانماقتا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر