باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«گازارما نەزەرىيەسىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا قانداق قارايسىز؟ 2017» ئېلان قىلىندى

2017.06.19 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «گازارما نەزەرىيەسىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا قانداق قارايسىز؟ 2017» ناملىق كىتاب ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن يېقىندا پۈتۈن ئارمىيەدە بېسىپ تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابتا پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئومۇملۇقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە زىچ باغلانغان ھالدا، ئارمىيەنىڭ كۆلىمى ۋە كۈچ سەپلىمىسى ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت باش تېما گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىنىپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ھەم چۈشىنىشلىك ئىزاھات بېرىلگەن، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشچانلىقى روشەن، قائىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق سۆزلەنگەن، ئۇسلۇبى يېڭىچە، ئاددىي-ساددا بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك قاراتمىلىق ۋە ئوقۇشچانلىققا ئىگە، قىسىمنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلىدىن بۇيان، «گازارما نەزەرىيەسىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا قانداق قارايسىز؟ 2017» دېگەن كىتاب ھەر يىلى نەشر قىلىنغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەۋسىيەلىك ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى بولۇپ باھالانغان، قىسىمنىڭ ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىشىدىكى داڭلىق ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر